ئىراقنىڭ شىمالىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا ۋە ھاكۇرك رايونىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1108076
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراقتىكى گارا ۋە ھاكۇرك رايونلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھەرىكىتىدە يەتتە تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، 16-دېكابىر (يەكشەنبە) ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گارا ۋە ھاكۇرك رايونىغا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. ھەرىكەتتە، تۈركىيە ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم تەييارلىقى قىلىۋاتقان يەتتە تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان.