شىمالىي ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار بازا سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان سىنجار ۋە قاراجاق تېغى رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

1106589
شىمالىي ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى، پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ ۋە باشقا تېررورچى ئۇنسۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىمامىسىنىڭ 51 – ماددىسىغا ئاساسەن، خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار بازا سبپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان سىنجار ۋە قاراجاق تېغى رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورچىلارغا ئائىت پاناھ جايلار، غارلار، تۇنېللار ۋە ئوق - دورا ھەم قورال – ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. ھاۋا ھۇجۇمى جەريانىدا پۇقرالارنىڭ جان ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى قوغداش ھەم مۇھىتنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ھازىرمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ دۆلىتىمىزنى، خەلقىمىزنى ۋە بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش، مەملىكىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە خىرىس قىلغان تەھدىتلەرنى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسى مىسلىسىز ھەم قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر