شىمالىي ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1097994
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق، ئاۋاشىن – باسيان، گارا، ھافتانىن ۋە مەتىنا رايونلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت پاناھ جايلار ۋە غارلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 14 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.