ئەنگلىيەلىك داڭلىق ناخشىچى يۈسۈف ئىسلام ئىستانبۇلدا

ئەنگلىيەلىك داڭلىق ناخشىچى يۈسۈف ئىسلام ئىستانبۇلدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1098057
ئەنگلىيەلىك داڭلىق ناخشىچى يۈسۈف ئىسلام ئىستانبۇلدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار يىغىنى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال مەھسۇلاتلار ئېكسپورت يەرمەنكىسى»گە قاتناشقان ئەنگلىيەلىك داڭلىق ناخشىچى يۈسۈف ئىسلام ئوقۇرمەنلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

داڭلىق ناخشىچى يۈسۈف ئىسلام «دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار يىغىنى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال مەھسۇلاتلار ئېكسپورت يەرمەنكىسى»دە كىتابلىرىغا ئىمزا قويدى.

ئىسلام دۆلەتلىرى مېتېئورولوگىيە ئىنستىتۇتى ۋە ئىسلام سودا تەرەققىيات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە دائىرىسىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار يىغىنى ۋە 6-نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال مەھسۇلاتلار ئېكسپورت يەرمەنكىسى»دائىرىسىدە، داڭلىق ناخشىچى يۈسۈف ئىسلامغا«2018-يىللىق ھالال مەھسۇلاتلار يىغىنى تىنچلىق مۇكاپاتى»تارقىلىپ بېرىلدى، يۈسۈف ئىسلام يەرمەنكىدە «نېمىشقا ھېلىھەم يېنىمغا گىتار ئېلىپ يۈرۈيمەن»ناملىق كىتابىنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر