«مەدەنيىتىمىزنىڭ ئاساسىدا جىنسىي ئايرىمچىلىق يوق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىدا جىنسىي ئايرىمچىلىق يوقلىقىنى بىلدۈردى.

1093642
«مەدەنيىتىمىزنىڭ ئاساسىدا جىنسىي ئايرىمچىلىق يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىز مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسىدا جىنسىي ئايرىمچىلىق يوق»دېدى.

ئەردوغان ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاياللار ۋە ئادالەت ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئائىلە مۇئەسسەسى كۈچلۈك بولمىغان جەمئىيەتلەرنىڭ كېلەچىكى ھەم ئاياللار ھەمدە ئەرلەر ئۈچۈن ئوخشاش دەرىجىدە زۇلمەتلىكتۇر. ئاياللارغا ئايرىمچىلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، يارالغۇچىلارغا ئوخشاش نەزەر بىلەن قاراش كېرەك، بىزنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىمىزدا ئىرقىي ئايرىمچىلىق يوق.»

تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ %44دىن كۆپرەكىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان: بىنكارلىرىمىز ۋە ئادۋۇكاتلىرىمىزنىڭ %44نى ، سوتچى ۋە تەپتىش خادىملىرىمىزنىڭ %33نى، دىپلوماتلىرىمىزنىڭ %20نى ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ %56نى، بانكىچىلارنىڭ %51نى ئاياللار تەشكىل قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر