تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغىنىغا 80 يىل بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ 80 – يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەلىكەتنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك مۇراسىملار ئارقىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

1085158
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى  ئاتاتۈركنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغىنىغا 80 يىل بولدى
erdogan anitkabir2.jpg
erdogan anitkabir1.jpg
erdogan anitkabir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 1938 – يىلدىن بۇيان ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە سىگناللارنىڭ چېلىنىشى بىلەن تەڭ ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى چوڭقۇر سۈكۈتكە چۆمدى.

پايتەخت ئەنقەرەدە  ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنىڭ تۇنجى ئادرېسى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت،  ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى، ھۆرمەتتە تۇردى.

ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازدى: «مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزنىڭ باش قوماندانى ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ھۆرمەتلىك  ئاتاتۈرك! سىزنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىڭىزنىڭ 80 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىزنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ياد ئېتىۋاتىمىز. سىز ۋە ئەزىز شېھىتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن  ۋە <مۇقەددەس ئامانات> ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى  دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بەدبەخلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىماي جان تىكىپ قوغداۋامىز، ھەمدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ باياشات دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش نىشانىنى بويلاپ، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز، بىز جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 0 يىللىقىغا بېشغىشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن <ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى> خەلقىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئاىبىدىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى، ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولغاي!»

ئىستانبۇلدىكى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى بولسا،  ئاتاتۈرك بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان «دولماباھچە سارىيى» ئىدى.

قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال يۈزلەرچە كىشى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا «دولماباھچە سارىيى» غا بېرىپ، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئەسلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدمۇ مىڭلارچە كىشى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئەسلەش ئۈچۈن مەيدانلارغا توپلاندى.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا ھۆرمەتتە تۇرۇلدى، «ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر