ئاقار سومالى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار سومالىدا پىرېزىدېنت مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارماجۇ بىلەن كۆرۈشتى.

1083953
ئاقار سومالى پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ياشار گۈلەر ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ھەيئەتنى سومالى باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھدى گۇئۇلەد خادار ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالدى. مىنىستىر ئاقار ئارقىدىن پىرېزىدېنت مۇھەممەد ئابدۇللاھ فارماجۇ بىلەن كۆرۈشتى.

ئاقار بىلەن فارماجۇ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە سومالى ئارمىيەسىنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

فارماجۇ ئۇچرىشىشتا، سومالىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر