چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئادىل ئەلجۇبەير بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1076249
چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن جۇبەيرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ۋەقە توغرۇلۇق تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

«‹ Washington Post › گېزىتى» يازغۇچىسى جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20  - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر