تۈركىيە – ئىران – رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋاكالەتخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

1075637
تۈركىيە – ئىران – رۇسىيە سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە، رۇسىيە، ۋە ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە ئىزدەش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن  موسكۋادا «ئاستانا مۇنبىرى» دە بىر يەرگە جەم بولغانلىقى، يىغىندا، سۈرىيە كىرىزىسى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى  تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، سوچىدا چاقىرىلغان <سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى> دا ماقۇللانغان قارارلارغا ئاساسەن، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش پائالىيەتلىرىنى ئىشقا كىرىشتتۈرۈش ۋە تېزلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە كېڭەش ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران، بارلىق سۈرىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋاكالەتخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش پائالىيەتلىرىنى تېزلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر