ئەردوغان پادىشاھ ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1074972
ئەردوغان پادىشاھ ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرى تېلېفون سۆھبىتىدە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتە، تۈركىيە ئىيوردانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىلا ساھەدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى 2ئابدۇللاھ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىرادىلىرىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر