تۈركىيە شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ھەربىي رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان قوراللىق 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1070925
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 3 تېررورچىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.