تۈرك ئالىمنىڭ لايىھەسى «ئۈمىد چىرىغى» بولدى

تۈرك ئالىمنىڭ مۇكاپاتلىق لايىھەسى «راك كېسەللىكىنى داۋالاش» تا بولدى.

1071428
تۈرك ئالىمنىڭ لايىھەسى «ئۈمىد چىرىغى» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر خەلقئارا بىيومېدىتسىنا ۋە گېن گۇرۇپپىسى ئىنىستىتۇتى تەتقىقات ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى دوتسېنت جان كۈچۈك، مەۋجۇت شەرت – شارائىت ئاستىدا «غالجىر» راك كېسەللىكىگە ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىنى تەخمىن قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى تۈرلۈك كېسەللىك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىات لايىھەسى بىلەن، دۇنيادا 8 تۈرلۈك ئالىمغا بېرىلىدىغان «يەر شارى خاراكتېرلىك تەتقىقات مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، « Overt multiple myeloma» كېسەللىكىنى داۋالاشتا «ئۈمىد چىرىغى» بولغان بۇ لايىھە ئارقىلىق، پەقەت قان تەكشۈرۈش بىلەنلا «راك كېسەللىكى» نى ئېنىقلاپ چىقىشنى قولايلاشتۇرۇش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر