چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 11 – 12 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ۋە ئەربىلدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1065819
چاۋۇشئوغلۇ ئىراقتا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ باغدادتا ئالدى بىلەن ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئاندىن سىياسىي رەھبەرلەر ۋە تۈركمەن جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىىدكەن.

باياناتتا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئەربىلدىمۇ ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە – ئىراق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىشى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر