سەئۇدى ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەنە چاقىرتىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىسىنى ژۇرنالىست كاشىكچى دېلوسىغا يېقىندىن ماسلىشىشقا چاقىردى.

1064489
سەئۇدى ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يەنە چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى ۋەلىد بىن ئابدۇلكەرىم ئەل-ھىرەيجىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ،  ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى دېلوسىدا «يېقىندىن ماسلىشىش»قا چاقىردى.   

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىسى ئەل-ھىرەيجىنى تۈنۈگۈن مىنىستىرلىققا چاقىرتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال  ئەلچى ئەل-ھىرەيجىغا ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى دېلوسىدا ئالاقىدار ئورۇنلارغا  «يېقىندىن ماسلىشىش»نى دېگەن.

جەمال كاشىكچىنىڭ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەن قىز دوستى ھا.ئا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، جەمال كاشىچكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانا بىناسى ئالدىغىچە بىرلىكتە بارغانلىقلىرىنى، ئۆزىنىڭ سىرتتا قېلىپ جەمال كاشىكچىنىڭ كونسۇلخانا بىناسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن سىرتقا چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

جەمال كاشىكچىنىڭ قىز دوستىنىڭ سۆزىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ئېيتقان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى، كاشىكچىنىڭ كونسۇلخانىغا كەلگەنلىكىنى لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا كونسۇلخانىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى ۋەلىد بىن ئابدۇلكەرىم ئەل ھىرەيجى، يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال كاشىكچىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلق ئۆتكەن چارشەنبە كۈنىمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر