مۇنبىچ پىلانىدا كەينىگە تارتىش تاكتىكىسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا بىلەن سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىغا مۇناسىۋەتلىك بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىلانىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1061972
مۇنبىچ پىلانىدا كەينىگە تارتىش تاكتىكىسىدىن ۋاز كېچىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا چاقىرىلغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «مۇنبىچنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قانداق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىشلارنىڭ 90 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن بۇ مەسىلىدە «گوللاش تاكتىكىلىرى» نىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئەپسۇسلىنارلىق ئىچىدە كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئامېرىكالىق مەنسەپداشلىرىمىزغا بۇ گوللاش تاكتىكىلىرىدىن ۋاز كېچىشنى ۋە مۇنبىچ مەسىلىسىنى ھەرىكەت پىلانى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى دەپ كەلدۇق. ئەسلىدە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى، ئاندىن چارلاش قىسىملىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىش، ئۇندىن كېيىن، بىرلىكتە ئورتاق چارلاش باسقۇچلىرى ئاللىبۇرۇن ئاخىرلىشىشى كېرەك ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«دېگىنىمدەك، ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى بېكىتىلگەن ۋاقىت دائىم كېچىكتۈرۈلدى. بىز ئەمدى بۇنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ يەردە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئورتاق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىغان بولساق، بىرلىكتە ئورتاق چارلىشىمىز ۋە رايوننى بىخەتەرلىك ئاستىغا ئېلىپ، مۇنبىچلىقلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا بالدۇرراق قايتىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشىمىز كېرەك. بۇلار ئورتاق مەقسىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرايلى، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كېچىكتۈرۈشنىڭ چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان بىر تەرىپى يوق. شۇڭا، بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز. مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز، بولۇپمۇ مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەر ھەر كۈنى كۆرۈشۈۋاتىدۇ، بىراق كەينىگە تارتىش تاكتىكىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ مەسىلىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ يەردىن قايتا-قايتا شۇنى دېمەكچىمەنكى، ھەر سەۋىيەدە مۇنبىچ ھەرىكەت پىلانى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر