تۈركىيە ئارمىيەسى باسياندىكى تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1060077
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە پ ك ك تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئارقا سەپ نۇقتىلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ھەربىي رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كەم دېگەندە 3 تېررروچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.