تۈركىيە ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە، جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيەگە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1059241
تۈركىيە ھىندونېزىيەگە ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە ئارقىسىدىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلغان ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە ماددىي زىيان ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «تۈركىيە، دوست ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغان ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەيياردۇر. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يۇرۇقلىرىغا ۋە ھىندونېزىيە خەلقىگە سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۇلاۋېسى ئارىلىدا يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەش ۋە ئارقىسىدىن ھاسىل بولغان دېڭىز تاشقىنىدا 420 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر