دۆلەت ئىچى - سىرتىدا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدە ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كەم دېگەندە 6 ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1059426
دۆلەت ئىچى - سىرتىدا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ناھىيە تەۋەلىكىدىكى تاغلىق رايوندا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خاكۇرك ۋە زاپ رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تۈنۈگۈنكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بولسا، كەم دېگەندە 4 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر