چاۋۇشئوغلۇ: «ئىدلىب كېلىشىمى» ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا «قورال – ياراغلاردىن خالىي قىلىنغان رايون» بەرپا قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1058635
چاۋۇشئوغلۇ: «ئىدلىب كېلىشىمى» ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولغان چاۋۇشئوغلۇ، زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا، «ئىدلىب كېلىشىمى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرۇلۇق تۈنۈگۈنمۇ ئىران ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىك بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن يىغىنلارغا قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ، جۈملىدىن، <قورال – ياراغلاردىن خالىي قىلىنغان رايون> بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە رۇسىيە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى. ساھەدە خىزمەت ئىشلەۋاتقان دوستلىرىمىز ھازىرغىچە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز. ھەر ئىككى تەرەپتىنمۇ دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر