ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 73 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ لىدىرلىرىغا خىتاب قىلدى.

1056686
ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 73 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ لىدىرلىرىغا خىتاب قىلدى؛ ئۇ، ب د ت قۇرۇلمىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بىر – بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يەنە بىر قېتىم «دۇنيا 5 تىن چوڭدۇر» دېيىش ئارقىلىق ۋىجدانلارنىڭ ساداسى بولدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 ئەزا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان، يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى تاماشا قىلىپ تۇرىدىغان بىر قۇرۇلمىغا ئايلاندى» دېگەن ئەردوغان، سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، «پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلارنىڭ ئۇلارغا قىلىنغان ياردەملەرنى توختىتىپ قويۇشلىرى زالىملارنىڭ جاسارىتىگە جاسارەت قوشماقتا.» دېدى.

ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «تاكتىكىلىق مەنپەئەتلەرنى دەپ (سۈرىيەدىكى) تېررورچىلارغا ئون مىڭلاچە يۈك ئاپتوموبىلى، مىلارچە يۈك ئايروپىلانى قورال بەرگەنلەر كېلەچەكتە بۇنىڭ ئازابىنى جەزمەن چېكىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشىنى زېمىنلىرىدا تۇرغۇزۇۋاتقان ئامېرىكىنى «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ 27 ۋىلايىتىدە پەقەت چارتېر مەكتەپلەر ۋاسىتىسى بىلەن دۆلەت خامچوتىدىن ئالىدىغان يىللىق پۇلى 763 مىليون دوللاردۇر» دېگەن  سۆزلىرى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) نىڭ بېشى نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا،پېنسىلۋانىيەدىدۇر. 400 مولۇق يەردە ياشىماقتا، بۇ يەردە تۇرۇپ دۇنيانىڭ 160 دۆلىتىگە تېررورچى ئېكسپورت قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۆزى جەريانىدا، يەر يۈزىدىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى دۇنيا لىدىرلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان مىساللار ئارقىلىق كىرگۈزۈپ، «بۈگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ باي 62 كىشىسىنىڭ مال – مۈلكى، نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېقىنىغا يەنى 3 مىليارد 600 مىليونغا ئىنساننىڭ مال – مۈلكىگە توغرا كەلسە، بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، دېمەكتۇر. پەرقلىق رايونلاردا 258 مىليون ئادەم بىر قەدەر ئىنسانىي شارائىتلاردا ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن يوللارغا چىققان بولسا، 68 مىليون ئادەم مەجبۇرىي ھالدا يەر – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقان بولسا، بۇ يەردە بىر مەسىلە دېمەكتۇر. ئافرىقىدا تۇغۇلغان بىر بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى، بۇ شەھەر (نيۇ يورك) دە تۇغۇلغان بىر بالىغا قارىغاندا 9 ھەسسە ئارتۇق بولسا، بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، دېمەكتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىغا چارە تېپىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس ۋە رائى رايونلىرىنى دائېشتىن، ئافرىن رايونىنى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلاپ، 4 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر جاينى مىليونلارچە سۈرىيەلىك ئۈچۈن بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ئورۇنغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن بۈگۈنگىچە 32 مىليارد دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەھۋال شۇنداقكەن، چەت ئەلدىن ئالغان ياردىمىمىز خەلقئارا ئورگانلاردىن 600 مىليون دوللار، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىنمۇ ھازىرغىچە ئەمەلىي تاپشۇرۇلغىنى 1 مىليارد 700 مىليون ياۋرودۇر» دېدى.

ب د ت نى ئىنسانىيەتنىڭ ئادالەت ئۈمىدىنىڭ باياناتچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىرغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئىجابىي دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيا سودا تۈزۈمىنىڭ بىر تەرەپلىمە قارارلار ئارقىلىق بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەممە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، سۆزلىرىنى يەنە بىر چاقىرىق بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ب د ت ياشلار قۇرۇلۇشىنىڭ بالدۇرراق تەسىس قىلىنىشىنى، مەركىزىنىڭ ئىستانبۇل بولۇشىنى تەكلىپ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر