ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈستىدە توختالدى

ئەمىنە ئەردوغان سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى سىناقلارغا قارشى تۈركىيەنىڭ رولى» تېمىلىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى.

1056126
ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئوردوغان تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ قەرزلەرگە ئەمەس، تۇلۇق مەنىسى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە تايىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، رەپىقىسى ئەمىنە ئوردوغانمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولماقتا.

ئەمىنە ئەردوغان سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى سىناقلارغا قارشى تۈركىيەنىڭ رولى» تېمىلىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى.  

ئەمىنە ئەردوغان سۆزىدە سومالى، يەمەن، سۈرىيە، غەززە ۋە بىرمادىكى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئېغىر ئازابلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. يەر شارى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم دوكلاتىنى ئىما قىلغان ھالدا: «2017يىلىدا 134 دۆلەتتە تەخمىنەن 201 مىليون 500 مىڭ كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھەقىقىي ساننىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم» دېدى.

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىدە مېھمان قىلىنىۋاتقان پاناھلانغۇچىلار سانىنىڭ شەھەر نوپۇسىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ كىلىسنىڭ بومباردىماندىن قاچقان ئايال ۋە كىچىك بالىلار مەسلىسى ئۈچۈن پۈتۈن ھېسابلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مېھرى - شەپقەتنى ھەممىلا يەرگە تارقىتىشنىڭ سىمۋوللۇق مۇنارىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئافرىقىدىمۇ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە ۋە بىرما بىلەن غەززەگىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىشتا قولىدىن كەلگىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان، سومالى ۋە بىرمادا يۈز بەرگەن ئىنسانىي پاچىئەلەرنى نەخ مەيدانغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەمىنە ئەردوغان، بۇ دۆلەتلەردىكى ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىشتا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نۆلدە قالغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە بۇ خىل ئاپەتلەرگە مۇداخىلە قىلىشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرنى تۇرۇشلۇق جاي بىلەنلا تەمىنلەپ قالماستىن، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاياللار بىلەن كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىدا، ئاياللارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلىيالىشى ئۈچۈن كەسىپىي مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەنمۇ تەمىنلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەمىنە ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يەنە شۇنىڭدەك ئافرىقىدىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارلىرىنى ئىشقا سېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مائارىپ ۋە ياردەم خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئەمىنە ئەردوغاننىڭ سۆزىدىن كېيىن ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى مالكولىم ئىكسنىڭ چوڭ قىزى ئىلياسا شاھباز مۇنبەرگە چىقىپ، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمدە پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىلياسا شاھباز: «دادام دائىم، <بىر ئەر كىشىگە بىر نەرسە ئۆگەتسەڭ، بىر جەمىيەتكە ئۆگەتكەن بولىسەن. بىر ئايالغا بىر نەرسە ئۆگەتسەڭ، بىر پۈتۈن خەلقنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بولىسەن> دەيتتى. بۇ كېچىدە ئىنتايىن ئېسىل بىر خانىم بىلەن، يەنى مېنىڭ قەھرىمانىم جۇمھۇر رەئىسنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىپتىخارلاندىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر