يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 33 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى بىر ھەپتىلىك ئىچكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 33 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1055384
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 17 – سېنتەبىردىن 24 – سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا جەمئىي 2425 قېتىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلغان ۋە تەشكىلاتلار بىلەن چېتىشلىقى بار 677، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەتكەسچىلىك جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق 3992، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە 178 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى قىبرىس پورتلىرىغا لەڭگەر تاشلايدۇ
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (KKTC) پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.