چېگرا رايونىغا ئالاھىدە قىسىملار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر ئەۋەتىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ھەربىي قىسىملارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئالاھىدە قىسىملار، بىرونىۋىك ئاپتوموبىل، شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ۋە تانكا قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە يېتىپ باردى.
1054586
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېگرا رايونىدىكى مەھەللىلەردىن ئۆتكەن ئەسكەرلەرگە رايون خەلقى تەرىپىدىن يېمەك - ئىچمەك ئېكرام قىلىندى.
رەيھانلى ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئاپتوموبىللاردىكى ھەربىي خادىملارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيە چېگراسىغا يېتىپ بارغان ئەسكەرلەر ئىدلىبتىكى قىسىملارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىكەن.