قالىن: ئىدلىب كىرىزىسى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسىلىنى ھەربىي يولار ئارقىلىق ئەمەس، سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئويلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1049987
قالىن: ئىدلىب كىرىزىسى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن تۈركىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان «سۈرىيە» تېمىلىق تۆت تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن «تەييارلىق يىغىنى» دىن كېيىن تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ دولماباھچەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىدلىب مەسىلىسى باشتىن تارتىپلا ناھايىتى سەزگۈر بىر مەسىلە  سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. بۇ ھەقتە تەرەپلەر ئارا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. بولۇپمۇ ھەممە بىردەك، <ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىنغان تەقدىردە، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ھۇجۇم ھەم ئىنسانىي كىرىزىسكە يول ئاچىدۇ، ھەم يېڭى كۆچمەنلەر ئېقىنىغا سەۋەب بولىدۇ، ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي باسقۇچلارنى چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدۇ>، دەپ قارىماقتا.»

ئىدلىبنىڭ مەلۇم جايلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان قالىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە بۇ ھەقتە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رۇسلار بىلەن تېخنىكا ھەيئەتلىرى ئارا مۇزاكىرىلەر داۋاملاشماقتا. يېڭى كۆچمەنلەر ئېقىنى پەقەت تۈركىيەگىلا يۈك بولمايدۇ. بۇ ياۋروپاغىچە سوزۇلىدىغان يېڭى بىر زەنجىرسىمان كىرىزىسلەرگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. جۈملىدىن، بۇنىڭ قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. لېكىن، قانداق قىلغاندا بۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق مىخانىزم ئورنىتىلىشى لازىم. بۇ يىغىندا، ئاساسلىقى بۇ مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشى، سۈرىيەنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەمما نۆۋەتتە ھەم مەۋجۇت توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقان، ھەم كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش باسقۇچى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىگەن بىر پەيتتە، ھەممە بىردەك، <بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ> دەپ قارىماقتا. بۇ نۇقتىدا كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، بولۇپمۇ ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىشنى نىشان قىلىش پىلانى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.»

ھەيئەتلەرنىڭ بۇ يىغىننىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆز رەھبەرلىرىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان قالىن، ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، يىغىننىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە كۈنتەرتىپى توغرۇلۇق قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۈشەنبە كۈنى رۇسىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان قالىن، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلاتتى، ئەمما دۈشەنبە كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىمۇ ياخشى بولدى. ئۆتكەن ھەپتە تېھراندا چاقىرىلغان يىغىندا جۇمھۇر رەئىسىمىز ئىدلىبكە قارىتا يېڭى بىر ھۇجۇمنىڭ ئېلىپ بېرىلماسلىقى توغرۇلۇق ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنىدى. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىز بۈگۈن بۇ يىغىننى چاقىردۇق. دۈشەنبە كۈنىمۇ بۇ مۇزاكىرىلىرىمىز داۋاملىشىدۇ. بىزنىڭ ئۇ يەردە 12 ھەربىي كۆزىتىش نۇقتىمىز بار. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتىنمۇ، ئىدلىبتىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلىش جەھەتتىنمۇ، مەۋجۇت سالاھىيەتنى قوغداپ قېلىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر