تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا 26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1044520
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، كابۇلدا بىر تەنتەربىيە زالىدا ئارقىمۇ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ۋە مۇخبىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن شۇنداقلا يارىدار بولغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «مەزكۇر خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە تەزىيە تىلەمكلىرىمىزنى يوللايمىز. يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيمىز» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

كابۇلدا تۈنۈگۈن ئارىقىمۇ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن 2 ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 91 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.  

يارىدارلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر