چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كوجىياس ئىزمىردە گىرېتسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ پات-پات بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما دىيالوگنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1042995
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كوجىياس ئىزمىردە گىرېتسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭى بىناسىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوجىياس گىرېتسىيەنىڭ يېڭى سېلىنغان ئىزمىر كونسۇلخانىسى بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى ۋە بۇ يەردە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇ جۇغراپىيە ۋە تارىخىنىڭ ئاچقۇچلۇق دۆلەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئىككى چوڭ مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىمىز. ھەر ئىككى دۆلەتتە سان-ساناقسىز مەدەنىيەت ئىزلىرى بار. تىلىمىزدا 5 مىڭ ئورتاق سۆز بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقلىلىرىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. كېلىشەلمىگەن كۈنلىرىمىزمۇ بار، پات-پات بوران-چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرىمىز. بىراق، ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە دىيالوگنى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرى دەپ قارايمىز. پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىمىز ھېچكىمگە سىر ئەمەس» دېدى.

ئۇ 2016-يىلى 15-ئىيۇل ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ گىرېتسىيەدە قوغداش ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«گىرېتسىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغانلار ۋە خائىنلار دۆلىتىمىزدە پاناھلىنالمايدۇ، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايمىز.»

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس كوجىياسمۇ سۆز قىلىپ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قارشى تۈركىيەنى قوللىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر