ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فرانك ۋولتېر ستېئىنمېئېر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1038717
ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

تۈركىيە بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدىكى ئۆزئارا كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىق مىخانىزملىرىنىڭ قايتىدىن ئاكتىپلىشىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن تېلېفون سۆھبتىدە، ئىككى رەھبەر، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

سۆھبەت جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەگە قارىتىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن گېرمانىيەلىك مەنسەپدېشى ستېئىنمېئېر، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر