ئىبراھىم كالىن: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە سوتىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلىشىنى كۈتۈشمىسۇن

ئىبراھىم كالىن: «ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىدە قىلالمىغانلىرىنى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ تەلەپ قىلالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭمۇ تۈركىيە سوتىنىڭ چىقىرىدىغان قارارىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى بار» دېدى.

1036621
ئىبراھىم كالىن: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە سوتىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلىشىنى  كۈتۈشمىسۇن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈركىيە سوت مەھكىمىسىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان تېررورلۇق گۇماندارى راھىپ ئاندرېۋ بىرۇنسون دېلوسىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جون بالتىننىڭ تېررورلۇق گۇماندارى راھىپ بىرۇنسوننىڭ قويۇپ بېرلىشىنى تەلەپ قىلغان باياناتلىرىغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى تەرىپىدىن قاتتىق رەددىيە بېرىلدى.

ئىبراھىم كالىن: «ئامېرىكا تۈركىيە سوتىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم» دېدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سوت باسقۇچىغا پىسەنت قىلماستىن، بىر تۈركۈم تەلەپلەرنى ئىلگىرى سۈرىشىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلارلىقى يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئىبراھىم كالىن جون بالتىننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، ئامېرىكىنىڭمۇ باشقا بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش تۈركىيە سوتىنىڭ قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم كالىن: «بىرۇنسون ھەققىدە داۋاملىشىۋاتقان سوت باسقۇچى بار. ئامېرىكىنىڭ سوت باسقۇچىنى كۆزگە ئىلمىغان شەكىلدە بىر تۈركۈم تەلەبلەردە بۇلۇشى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىدە قىلالمىغاننى باشقا دۆلەتلەردىنمۇ تەلەپ قىلالمايدۇ. قارار چىقىرىدىغان مەركەز سوتتۇر ۋە ئامېرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەن تۈركىيە سوتىنىڭ چىقىرىدىغان قارارىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىدا خەلق بانكىسى مۇدىرى ھاقان ئاتىللانىڭ ناھەق ھالدا جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، «خەلق بانكىسىغا قارىتا بىر تۈركۈم ناھەق ۋە ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشىنى ھەمدە بۇ دۆلەت بانكىمىزنى ئېتىربارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا ئالاقىدار ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەمەسلىكى، بەلكى دەل ئەكسىچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ ھۆرمەت - ئېتىبارىغا ھۇجۇم قىلىش شۇنداقلا ناھەق جازالارنى يۈرگۈزۈشنى نىشان قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم» دېدى. 

جۇمھۇر رەئسىلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن يەنە، جون بالتىننىڭ قاتار بىلەن تۈزۈلگەن ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈركىيە ئىقتىسادىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان سۆزلىرىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، «بالتىننىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە قاتارنىڭ مەبلەغ سېلىش قارارلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرى تېخىمۇ خەتەرلىك بىر ھالەتنى ئىما قىلماقتا. چۈنكى بۇ سۆزلەر پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دىكى ئىتتىپاقدىشىنىمۇ ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە. بۇ خىل سىياسىي، قانۇني ۋە ئىقتىسادىي پوزىتسىيەلەر ھەرگىزمۇ ئىتتىپاقداشلىقنىڭ رۇھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېدى ھەمدە بۇ ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن: «تۈركىيەنىڭ ھېچ كىشىگە قارشى ئىقتىسادىي ئۇرۇش باشلاش نىيىتى يوق، لېكىن ئۆز ئىقتىسادىغا ۋە سوتىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرىشىنىمۇ كۈتۈشمىسۇن. تۈركىيە چەكلىمە قويۇش ۋە جازالاش خاراكتېرلىق پەزىتىسيەلەرگە قارشى پۈتۈن دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، دۆلەت مەنپەئەتىگە ھەرقانداق جايدا ئىگە چىقالايدۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر