ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل مەزلۇملارغا دۇئا قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

1035525
ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتكۈل مەزلۇملارغا دۇئا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈنۈشلۈك تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

تەبرىكنامىدە «ئىقتىسادىمىزغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئەزانىمىز ۋە بايرىقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر»دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بۇ يەردىكى غەرەز تۈركىيە ۋە تۈرك مىللىتىنى تىز پۈكتۈرۈپ ئەسىرگە ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر، دېدى.

ئەردوغان تەبرىكنامىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئەزىز مىللىتىم ۋە سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم سىلەرگە چوڭقۇر سالام يوللايمەن، مۇبارەك قۇربان ھېيتىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بىزنى بۇ قۇربان ھېيتنىمۇ ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغان رەببىمىزگە ھەمدۇ-سانا بولسۇن.»

ھېيتنىڭ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەتكە  ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلىگەن ئەردوغان، بۇ قۇربان ھېيتنىڭ  رەھمەت ۋە بەرىكىتىنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى تىلىدى.

تۈرك مىللىتىنىڭ ياخشى كۈندە، يامان كۈندە ئىتتىپاقلىشالايدىغان، بىر يۈرەك بولالايدىغان قابلىيىتى تۈرتكىسىدە مىڭلارچە يىلدىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، يېقىنقى يىللاردا مەيدانغا كەلگەن بارلىق ھۇجۇم، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە تۇزاقلارنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ مۇشۇ خىل ئېسىل قابىلىيىتى تۈرتكىسىدە بىتچىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «قۇربان ھېيتتىن كېيىنلا 947-يىللىقى قۇتلىنىدىغان مالازگىرت زەپىرىدىن بۇيان نۇرغۇن مۈشكۈلاتنى يەڭگەن مىللىتىمىز ئەركىنلىكىمىزنىڭ سېمۋوللىرىدىن بولغان ئەزان ۋە بايرىقىمىزغا قىلىنغان ھەر ھۇجۇمنى قەتئىيلىكىمىز، باتۇرلىقىمىز ۋە پاراسىتىمىز بىلەن بىتچىت قىلدۇق.»

كېلەر ھەپتە 96-يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان 30-ئاۋغۇست زەپىرىنىڭمۇ بۇ ۋەتەنگە ئىگە چىقىش ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «15-ئىيۇلدا ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە قۇرۇپ چىققان كۆۋرۈك ۋە جۇغراپىيەمىزدىكى مىڭ يىللىق مەۋجۇدلۇقىمىزنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىدۇق. ئىقتىسادىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئەزانىمىز ۋە بايرىقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ يەردىكى غەرەز تۈركىيە ۋە تۈرك مىللىتىنى تىز پۈكتۈرۈپ ئەسىرگە ئېلىشتىن ئىبارەت. بىز بوينىمىزغا بويۇنتۇرۇق تاقىلىشنىڭ ئورنىغا بوينىمىزنىڭ كېسىلىشنى ئەلا بىلىدىغان مىللەتمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، ئارىمىزدىكى خائىن گۇرۇھلار بىلەن تىز پۈكتۈرەلمىگەن گۈزەل تۈركىيەمىزنى دوللار بىلەن تىز پۈكتۈرمەكچى بولغانلار خاتالاشقانلىقلىرىنى پات يېقىندا چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن دۆلىتىمىز بۇلارنىڭ ھەممىىسىنى يېڭەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە، بىز ھازىر ئىتتىپاقلىشىدىغان، مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغان پەيتتۇر.»

ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس زېمىنلارغا كەتكەنلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ مەقبۇل بولۇشىنى تىلىگەن ئەردوغان، پەلەستىندىن سۈرىيەگىچە جەنۇبىي ئاسىيادىن تۈركىستانغىچە بولۇپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن يېرىدە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭرەۋاتقان بارلىق مەزلۇملارنىڭ نىجادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاپتوموبىللىرى بىلەن سەپەرگە چىققانلارنى دىققەت قىلىشقا، سۈرئەتنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە، بىخەتەرلىك كەمەرلىرىنى تاقاشقا، چالا ئۇيقۇدا رولنى قولغا ئالماسلىققا، قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان ئەردوغان، ھېيت خوشاللىقىنىڭ ماتەم ھاۋاسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەممەيلەنگە زېممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇربان ھېيتنىڭ قەلبلەرگە ئارام بەخش، ئائىلىلەرگە خوشاللىق، تۈركىيەگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلىشىنى تىلەپ تۈرك مىللىتىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر