ئەردوغاننىڭ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى

تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن كىرىزىسقا قانداق قارايدۇ؟

1030534
ئەردوغاننىڭ نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە، 2018 – يىلى 10 - ئاۋغۇستتا ئىنگىلىزچە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى:

 تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن كىرىزىسقا قانداق قارايدۇ؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىغان ئۆزبىشىمچى ھەرىكەتلەر ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ شۇنداقلا تۈركىيەنى باشقا دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئىزدەشكە مەجبۇر قىلىدۇ.

ئاپتورى؛ رەجەپ تاييىپ ئەردوغان (ھۆرمەتلىك ئەردوغان تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسىدۇر)

2018 – يىلى 10 – ئاۋغۇست.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان ئىستىراتېگىيەلىك شېرىك سۈپىتىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىتتىپاقدىشىدۇر. دۆلەتلىرىمىز سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋە كېيىنكى چاغدا پەيدا بولغان قېيىنچىلىقلارغا قارشى مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلغان ئىدى. تۈركىيە بۇ ئۆتمۇش يىللار بويىچە قانداقلا چاغدا ئامېرىكىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجى چۈشسە، دەرھال ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە يۈگۈرۈپ كەلدى. كورېيەدە ئەسكەرلىرىمىز بىرلىكتە قان تۆكتى. 1962 – يىلى كېننېدى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كۇبادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى ھەمدە ئىتالىيە ۋە تۈركىيەدىكى جۇپىتېر باشقۇرۇلىدىغان بومبىرىلىرىنى چېكىندۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا بۇ يامانلىققا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن دوستلىرىغا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا ئىشەنگەن چېغىدىمۇ، بىز ھەربىي قىسىملىرىمىزنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىپ، ئافغانىستاندىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نىشانىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ياردەم قىلدۇق. بىراق ئامېرىكا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئەندىشىلىرىنى چۈشۈنۈشتە ۋە بۇ ئەندىشلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتا قانچىلىغان قېتىم، داۋاملىق دېگۈدەك نۆلدە قالدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا شېرىكلىكىمىز ۋە چۈشۈنۈشمەسلىكلىرىمىز سىناققا دۈچ كەلدى. ئەگەر ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى باشلاپ، مىللىتىمىز دۇچ كەلگەن خەۋپلەرنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، شېرىكلىكىمىز خەۋپ ئاستىدا قېلىشى مۇمكىن.

تۈركىيە 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا ھۆكۈمىتىم تەرىپىدىن رەسمىي شەكىلدە «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋىشى فەتھۇللاھ گۇلەننىڭ پېنسىلۋانىيەدىكى داچىسىدا تۇرۇپ قۇماندانلىق قىلغان بىر گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ھۆكۈمىتىمگە قارشى قانلىق بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. شۇ كېچىسى مىليۇنلىغان ئادەتتىكى پۇقرالار خۇددى «Pearl Harbor» ۋە 11 - سىنتەبىر ھۇجۇمىنىڭ ئارقىدىن كۆرسەتكەنگە ئوخشاش ۋەتەن بىلەن ئۇزۇلمەس رىشتىسىگە بولغان چوڭقۇر تۇيغۇلىرىنى نامايان قىلىپ كوچىلارغا قاراپ ئاقتى. ئۇزۇندىن بۇيان مېنىڭ سايلام سەۋەرلىكلىرىمنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان دوستۇم ئېرول ئولجۇق ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ تاييىپ ئولچوقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 251 بىگۇناھ كىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەگەر مېنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ پىيىگە چۈشكەن قاتىللار ئەترىتى ئۇتۇققا ئېرىشكەن بولسا ئىدى، بەلكىم مەنمۇ ئەشۇ جاننى پىدا قىلغۇچىلارنىڭ بىرسىگە ئايلانغان بولاتتىم.

تۈركىيە خەلقى ئامېرىكىدىن بۇ ھۇجۇمنى كەسكىن بىر تىل بىلەن ئەيىبلىشىنى ۋە تۈركىيەنىڭ سايلانغان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشىنى كۈتتى. لېكىن ئامېرىكا ئۇنداق قىلمىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھۇجۇمغا قايتۇرغان ئىنكاسى قانائەت قىلارلىق دەرىجىدە بولۇشتىن تولىمۇ ئۇزاقتا ئىدى. ئامېرىكا مەسئۇللىرى تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنىڭ يېنىدا بولۇشنىڭ ئورنىغا ئېھتىيات قىلىشقان بىر شەكىلدە، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنىڭ داۋاملىشى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. بۇمۇ ئاز كەلگەندەك تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا تۈزگەن كېلىشمىگە بىنائەن فەتھۇللاھ گۇلەننى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىدىمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىدى.

ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزدە يۈز بەرگەن يەنە بىر كۆڭۈل رەنجىتىدىغان ئىش، ئامېرىكا بىلەن قوراللىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان پ ي د/ ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بولدى. پ ك ك 1984 – يىلىدىن بۇيان مىڭلىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىىشغا جاۋابكار قوراللىق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتتۇر ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندۇر. تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تەخمىنلىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا پ ي د/ ي پ گ غا قورال ياردەم قىلىش ئۈچۈن 5000 يۈك ئاپتومبىلى ۋە 2000 تىرانسپۇر ئايروپىلانى ئىشلەتكەن.

ھۆكۈمىتىم ئامېرىكا مەسئۇللىرىنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ۋە قورال - ياراق ياردەم بېرىشىدىن ھېس قىلغان ئەدىشىلىرىمىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا قانچىلىغان قېتىم يەتكۈزدۇق. ئەپسۇسكى، ئۇلار سۆزلىرىمىزگە قولاق سالمىدى ۋە ئامېرىكا قوراللىرى ئاخىرىدا پۇقرالارنى، ئىراق، سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى بىخەتەرلىك كۈچلىرىمىزنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتتا  دېلو تۇرغۇزۇلغان ئامېرىكا پۇقراسى ئاندىرېۋ بىرۇنسوننىڭ تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن نازازەتكە ئېلىنىشىنى باھانە قىلغان ئامېرىكا، تۈركىيە بىلەن يىرىكچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان بىر مۇنچە قەدەملەرنى تاشلىدى. پىرېزىدېنت ترامنىڭ بىر قانچە قېتىملىق يىغىنىمىز ۋە سۆھبەتلىرىمىزدە ئاگاھلاندۇرغىنىمدەك سوتنىڭ قانۇنى رەسمىيەت باسقۇچىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىگە دوست بىر دۆلەتكە قارشى ئوچۇق تەھدىتلەرنى سېلىشقا باشلىدى. ھەتتا مىنىستىرلار كابېنتىمنىڭ بىر قانچە ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى. بۇ قارار قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان، مەنتىقسىز ۋە ئاقىۋەتتە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلىقىمىزغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاراكتېرگە ئىگە ئىدى.

تۈركىيە بولسا، تەھدىتلەرگە قارىتا بىرقانچە ئامېرىكىلىق مەسئۇللارغا ئوخشاش شەكىلدە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز ئوخشاش پىرىنسىپقا رىئايە قىلىمىز. ھۆكۈمىتىمنى سوت باسقۇچىغا مۇداخىلە قىلىشقا زورلاشقا ئۇرۇنۇش دۆلەت ئاساسىي قانۇنىمىزغا شۇنداقلا ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىمىزغا قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

تۈركىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم قىلغىنىغا ئوخشاش ئامېرىكا قولاق سېلىشنى رەت قىلغىن تەقدىردە، ئۆزىنىڭ ئشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىۋىرىدۇ. مەسىلەن؛ تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1970 – يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئېتىرازلىرىغا قارىماستىن، قىبرىس رۇم تەرىپىنىڭ قىبرىستىكى تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن مەسىلىگە ئارىلاشقان ئىدى. نېخى يېقىندىمۇ ئامېرىىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىمىزنى چۈشەنگىلى ئۇنىماسلىقى، دائېشنىڭ ناتو چېگراسىغا يېقىنلىشىشىنى توسۇپ قالغان ۋە ي پ گ نى ئافرىن شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىككى قېتىملىق چوڭ ھەربىي ھەرىكەتنى باشلىشىمىز بىلەن نەتىجىلەندى. خۇددى مۇشۇلارغا ئوخشاش دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك پۈتۈن قەدەملەرنى يەنە تاشلايمىز.

يامانلىق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە شۇملىقىنى قىلىپ يۈرگەن ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئونلىغان يىللاردىن بۇيان ئىتتىپاقدىشىمىز بولغان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى، پەقەت ۋە پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە بىخەرتەرلىكىگە پالتا ئۇرۇشقا خىزمەت قىلىدۇ. تولا كېچىكمەستىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ غەيرى سىممېترىك بولۇشىغا دائىر خاتا چۈشەنچىلىرىدىن ۋاز كېچىشى لازىم. تۈركىيەنىڭ باشقا تاللاشلارغا ئىگە ئىگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى لازىم. بۇ ئۆزبېشىمچىلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىككە مايىللىقنى دەرھال تەتۇرىگە ئۆزگەرتىشتە نەتىجىلىك بولالماسلىقى، يېڭى دوست ۋە ئىتتىپاقداش ئىزدىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر