ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1024293
ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ توغرۇلۇق شەرمەندىلەرچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقىرىشى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ زېمىندا ياشاش ۋە بۇ تېرروتېرىيەدە ئۆلۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئارزۇيۇممۇ يوق. جۈملىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياكى تۈركىيە سىرتىدىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتتە نە مەن تىككەن بىرەر كۆچىتىم، نە بىر تىيىن پۇلۇممۇ يوق. خۇدايىم نېسىپ قىلسا، بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە يۇرتۇم غازىئانتەپتە كىچىككىنە بىر زەيتۇنلۇق بېغىم بولۇشى مۇمكىن.»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەندىن ئىبارەت مېلىمىز باردۇر، ئۇنىمۇ ھامان بىر كۈنى ئۇ يەردىن ئېلىپ، تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر