تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خاكۇرك رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1024650
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان خاكۇرك رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.