تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ 2 تۈرك مىنىستىرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2 تۈرك مىنىستىرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان شەرمەندىلەرچە قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1024320
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ 2 تۈرك مىنىستىرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىنى بۇ سەتچىلىكتىن يېنىشقا چاقىرغان يازما باياناتىدا، «ھېچبىر نىشانغا خىزمەت قىلمايدىغان مەزكۇر ھۇجۇمچى پوزىتسىيەگە كېچىكمەستىن ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب بېرىلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، قارارنىڭ ھەم دۆلەت ئەستايىدىللىقىغا ياراشمايدىغانلىقى ھەم ئادالەت ئۇقۇمى بىلەن ئىزاھلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگو قارارى جاۋابسىز قالمايدۇ» دېدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن سىنگاپورغا بارغان چاۋۇشئوغلۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئامېرىكا دائىرىلىرى قانۇنسىز تەلەپلىرىنى بۇ يول بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلا بولسا، مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلالمايمىز» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، تۈركىيەدە نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقان ئامېرىكىلىق راھىپ ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى تۈپەيلى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ۋە راھىپنىڭ 2016 – يىلى تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۆتكەن ئايدا ئۆيىگە نەزەربەنت قىلىنىشىنىڭ «قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە پ ي د / پ ك ك نامىدىن جىنايەت سادىر قىلىش، جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 35 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان راھىپ برۇنسون، سالامەتلىك ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلۇپ تۇتقۇنلۇق ھالىنىڭ ئېلېكترونلۇق بىلەيزۇك تاقالغان ھالدا ئۆيىدە داۋاملاشتۇرۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر