تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر ۋە قايتۇرۇش ئىدارىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1023679
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ نانگارھار ۋىلايىتىدە ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن ھالدا، «ئاخىرقى قېتىم جالالئابادتا بۈگۈن (تۈنۈگۈن) كۆچمەنلەر ۋە قايتۇرۇش ئىدارىسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى. بۇ پەسكەش تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئېيتىمىز.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز، دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى جالالئاباد شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر ۋە قايتۇرۇش ئىدارىسى بىناسى بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 14 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر