شىرناقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
شىرناقتا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1024015
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۈنەيچام ئۈستۈن رايونى ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 5 تېررورچىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان. شۇنىڭ بىلەن رايونغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا تېررورچىلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئالاھىدە قىسىملار رايوندا داۋاملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.