«تۈركىيە ئېمبارگولار بىلەن تىز چۆكىدىغان دۆلەت ئەمەس»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئېمبارگولار بىلەن تىز چۆكىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

1021614
«تۈركىيە ئېمبارگولار بىلەن تىز چۆكىدىغان دۆلەت ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنى ئېمبارگولار بىلەن تىز چۆكتۈرگىلى بولىدىغان دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك ژورنالىستلار بىلەن تۈركىيەدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك نامىغا جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىزمىردىكى بىر تۈرمىگە سولانغان، ئارقىدىن ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى تۈرمىدىن چىقىرىلىپ نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىق راھىب ئاندرېۋ بىرۇنسون ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئاقساراي ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگوننىڭ راھىب بىرۇنسون توغرۇلۇق بەرگەن باياناتى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان، دېيىلمىگەن گەپلەرنى دېيىلگەندەك قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

«بىز راھىب بىرۇنسونى ھېچقاچان كوزۇر سۈپىتىدە كۆرمىدۇق»دېگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا بىلەن ھېچقاچان راھىب بىرۇنسون مەسىلىسىنى سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ۋاشىنگىتوننىڭ تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سېلىشى توغرىسىدا توختىلىپ: تۈركىيەنى ئېمبارگولار بىلەن تەھدىت سېلىپ نىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيسىلەر، دېدى.

«بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز ئامېرىكىغا تۇتاش ئەمەس»دېگەن ئەردوغان: ئامېرىكا پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمىسە، تۈركىيەدەك كۈچلۈك ۋە سەمىمىي ئىتتىپاقدېشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك، دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرقى ئەھۋالنى پىسخىكىلىق ئۇرۇش دەپ تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «بىز سەۋىر بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئەردوغان ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىنىدىغان « F-35»تىپلىق ئايروپىلانلار توغرۇلۇق توختىلىپ: F-35تىپلىق ئايروپىلانلارنى بىزگە سېتىپ بەرمەيدىغانلىقلىرىنى بىلجىرلاپ يۈرۈشىۋاتىدۇ، ئۇلار بەرمىسە بىز خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىمىز، دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ: راھىب بىرۇنسون قويۇپ بېرىلمىسە ئامېرىكا تۈركىيەگە ئېمبارگو يولغا قويىدۇ، دېگەنىدى.

ترامپتىن ئىلگىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنسمۇ راھىب بىرۇنسوننى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ، بىرۇنسون قويۇپ بېرىلمىگەن ئەھۋالدا تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر