ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جاۋاب قايتۇردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا جاۋاب قايتۇردى.
1019988
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى» سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە تەكلىپكە ئاساسەن 10 – نۆۋەتلىك بىرازىلىيە – رۇسىيە، ھىندىستان – خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا (BRICS) باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا ئايرودۇرۇمدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئىران ھەم قوشنىمىز ھەم ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھىمىزدۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.