چاۋۇشئوغلۇ: ھېچكىمنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سېلىش ھەققى يوق

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ھېچكىمنىڭ تۈركىيەگە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى تاڭالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1020392
چاۋۇشئوغلۇ: ھېچكىمنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت سېلىش ھەققى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ تۈنۈگۈن ئۆي نازارىتىگە ئېلىنغان، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى گۇماندارى راھىپ ئاندرېۋ برانسون قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سالغان تەھدىتىگە تىۋىتتېر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ھېچكىم تۈركىيەگە نېمە قىلىدىغانلىقىنى تاڭالمايدۇ. قىلىنغان تەھدىتلەرنى قەتئىي توغرا قوبۇل قىلمايمىز. قانۇن يوللىرى بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگىدۇر» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «راھىپ برانسون قويۇپ بېرىلمىسە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ» دېگەنىدى.

ترامپتىن ئىلگىرى پېنسمۇ برانسوننى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، برانسون قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر