ئەردوغان: ئىران بىزنىڭ ھەم قوشنىمىز ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراننىڭ تۈركىيەنىڭ ھەم قوشنىسى ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1019254
ئەردوغان: ئىران بىزنىڭ ھەم قوشنىمىز ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېسەك ئالتۇن (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەردوغان، بىر مۇخبىرنىڭ «تۈركىيە ئىرانغا يۈرگۈزۈلىدىغان ئېمبارگوغا قانداق پوزىتسىيەدە بولىدۇ» دېگەن سوئالىغا «ئىران ھەم قوشنىمىز، ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكىمىز بار» دەپ جاۋاب بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئېمبارگو توغرىسىدا شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قانداق بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز، قانداق بىر مودېل شېرىكىمىز بولسا، بىزنىڭ باشقا ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىمىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈشىمىز دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇستەقىللىق تونۇشىغا زىت كېلىدۇ. ھەم قوشنىمىز، ھەم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز بولىدۇ... بىز ئۇلاردىن شۇنداق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىۋاتىمىزكى، ئالمىغان چېغىمىزدا مېنىڭ دۆلىتىمنىڭ تاشقى سىياسىتىدە نېمىلەر بولىدۇ؟ بىز بولارنى ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك باراك ئوباما دەۋرىدىمۇ دېدۇق. ھازىرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە يەنە بۇلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى بىزنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا. ھازىرغا قەدەر ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت ياخشى پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى. بىز بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. دوستلار كېرەكلىك قاراشلىرىمىزنى بىلىپ قايتتى. خاتا قەدەملەرنىڭ تاشلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر