ئەردوغان داڭلىق پۇتبولچى مەسۇتقا ئىگە چىقتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داڭلىق پۇتبولچى مەسۇت ئۆزىلنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1018481
ئەردوغان داڭلىق پۇتبولچى مەسۇتقا ئىگە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش سەۋەبلىك گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىنىپ چىققان مەسۇت ئۆزىلنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: مەسۇتنىڭ پوزىتسىيەسى مىللىيدۇر، مەسۇت پىشانەڭگە سۆيىمەن، دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت)گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش سەۋەبلىك گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىقىدىن چېكىنىپ چىققان مەسۇت ئۆزىلنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: مەسۇتنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى مىللىيدۇر، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم، مەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈشىنى ھەزىم قىلالمايۋاتقانلار بار، مەسۇت ئۆزىلنى قوللايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر