جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: « F-35» تىپلىق ئايروپىلانلار مەسىلىسىدە قىلچە ئەندىشىمىز يوق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن « F-35» تىپلىق ئايروپىلانلارنى ئېلىش مەسىلىسىدە قىلچە ئەندىشىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1018468
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: « F-35» تىپلىق ئايروپىلانلار مەسىلىسىدە قىلچە ئەندىشىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا، « F-35» تىپلىق ئايروپىلانلارنى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى توختاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى پىلان - لايىھە ھەققىدە توختالغاندا، بۇ ھەقتە قىلچە ئەندىشىلىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشىمىزدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ماڭا يازما بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى كۆرسەتكەنىدى، شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە « F-35» تىپلىق ئايروپىلانلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى توختىتىشى مۇمكىن ئەمەس، جۈملىدىن بىزنىڭ بۇ ھەقتە قىلچە ئەندىشىمىزمۇ يوق.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى قانىتى بولغان يۇقىرى پالاتا ۋە ئاۋام پالاتاسى 2019 - يىللىق 716 مىليارد دوللارلىق دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار چىقىملار مەزمۇن قىلىنغان قانۇن تەكلىپى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە « F-35» تىپلىق يېڭى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تاپشۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر