ئەردوغان كابېنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى
24-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارنىڭ نەتىجىسىدە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس ۋە مىنىستىرلىرى ئېلان قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېلان قىلغان كابېنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
جۇمھۇر رەئىس: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس: فۇئات ئوكتاي
ئەدلىيە مىنىستىرى: ئابدۇلھامىت گۈل
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: سۈلەيمان سويلۇ
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: ھۇلۇسى ئاكار
مائارىپ مىنىستىرى: زىيا سەلچۇك
سەھىيە مىنىستىرى: فاھرەتتىن كوجا
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى: فاتىھ دۆنمەز
مۇھىت ۋە شەھەرچىلىك مىنىستىرى: مۇرات كۇرۇم
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى: مەھمەت ئەرسوي
ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى: مەھمەت كاساپئوغلۇ
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى: بەرات ئالبايراك
قاتناش ۋە ئاستىقۇرۇلما مىنىستىرى: مەھمەت جاھىت تۇران
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ
ئەمگەك، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ۋە ئائىلە مىنىستىرى: زەھرا زۈمرۈت سەلچۇك
يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرى: بەكىر پاكدەمىرلى
سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى: مۇستافا ۋارانك
سودا مىنىستىرى: رۇھسار پاكجان