شىمالىي ئىراقتا ۋە ماردىندا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
شىمالىي ئىراقنىڭ سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا ۋە ماردىننىڭ ئۆمەرلىك ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1007571
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنات – ھافتانىن رايونلىرىدا ھەمدە ماردىننىڭ ئۆمەرلىك ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 8 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، تېررورچىلارغا ئائىت كۆپ ساندا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە قورال – ياراغلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.