ئەردوغاننىڭ سايلامدىن كېيىنكى چەت ئەل زىيارەت پىلانى ئېلان قىلىندى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24-ئىيۇن سايلاملىرىدىن كېيىن تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە ئەزەربەيجاندىن باشلايدۇ.
1004903
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 10-ئىيۇل شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىپ ئارقىدىنلا ئەزەربەيجانغا بارىدۇ. ئۇ ئەزەربەيجان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 11-12-ئىيۇل كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.