ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىبى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىبى جېنس سىتولتېنبېرگ ئاخشام تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1001365
ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىبى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىبى جېنس سىتولتېنبېرگ 24ئىيۇندىكى سايلام زەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىگەن.

ئەردوغان تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنامىلەرنىڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە تەشكىلاتقا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنىڭمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

سۆھبەتتە، جېنس سىتولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەزا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىبى جېنس سىتولتېنبېرگ ئىيۇل ئېيىدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر