ئەردوغان سايلام نەتىجىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆزىگە، پارلامېنتنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇر ئىتتىپاقىغا تاپشۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

998896
ئەردوغان سايلام نەتىجىسى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام ساندۇقلىرى ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋە جۇمھۇر ئىتتىپاقىغا ئاۋاز بەرگەن سايلىغۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاۋاز بەرگەن بارلىق پۇقرالارنى تەبرىكلىدى.

ئۇ خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئاۋاز تاشلىغانلىقىنى، ئاۋاز تاشلاشنىڭ مول تەجرىبىگە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ھېچكىمنىڭ سايلام نەتىجىسىگە كۆلەڭگە چۈشۈرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ نەتىجىلەرنىڭ %90 لىك قاتنىشىش نىسبىتى بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا دېموكراتىيە ئۈلگىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزىنى تەبرىكلىگەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋەخەلقىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ خەلقنىڭ سايلام نەتىجىسى بىلەن يۆنۈلۈشنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئۆتمۈشتە قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ئالغا بېسىشى ئۈچۈن كۈرەشنىڭ كېچە-كۈندۈز داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئۆتمۈشتە ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن چەتكە قېقىلغان ھەر بىر كىشىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پارلامېنتتا ئۆزئارا ھەمكارلىق بىلەن يېڭى تۈزۈمى (جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى) نىڭ تېگىشلىك شەكىلدە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق تېز باشلىنىدىغانلىقىنى. ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ساھەسىدە يېڭى ئىسلاھاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر