جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

993248
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېيتلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى، پەلەستىن خەلقىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان قارارنامىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈنمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بىر – بىرىنىڭ روزى ھېيتىنى تەبرىكلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر