ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

992636
ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت، ئاخىرى مەڭگۈلۈك ئازابتىن قۇرتۇلۇش بولغان يەنە بىر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھېيتنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك، ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى تىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن سەپەرگە چىقىدىغانلارنى قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ تېلېگراممىسىدا، «رەببىمدىن سۆيگۈ، قېرىنداشلىق، مۇھەببەت، قۇچاقلىشىش، دىدارلىشىش كۈنلىرى بولغان ھېيت كۈنلىرىنى لايىقىدا ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى تىلەيمەن. ھېيتنىڭ باشتا ئىسلام دۇنياسى بولۇپ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىقلارغا ۋاسىتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان ھالدا سىلەرگە مېھرى – مۇھەببەت بىلەن سالام بېرىمەن، روزا ھېيتىڭلارنى تەبرىكلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر