تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش باشلاندى
24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزلىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئەنقەرە ۋاقتى 08:00 دە باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن تاموژنا ئېغىزلىرى بىلەن چېگرا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئەنقەرە ۋاقتى 08:00 دە باشلاندى.
تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش 24-ئىيۇن ئاخىرلىشىدۇ.
چەت ئەلدىكى سايلىغۇچىلار تىزىملىك كۆتىكىدە ئىسمى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرى 60 دۆلەت ۋە 123 ۋاكالەتخانىدا تەسىس قىلىنىدىغان سايلام ساندۇقىغا 19-ئىيۇنغىچە ئاۋاز تاشلىيالايدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاۋاز بېرىش ۋاقىتلىرى تۆۋەندىكىچە:
گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، فىرانسىيە: 19-7-ئىيۇنغىچە
ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ: 17-9-ئىيۇنغىچە
دانىيە: 19-9-ئىيۇنغىچە
نورۋېگىيە: 19-14-ئىيۇنغىچە
ئىتالىيە، تۈركمەنىستان: 17-15-ئىيۇنغىچە
بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋېيتسارىيە: 19-15-ئىيۇنغىچە
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، كانادا، بۇلغارىيە: 18-16-ئىيۇنغىچە
ئەنگلىيە: 19-16-ئىيۇنغىچە
خىتاي، رۇسىيە، رۇمېنىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەين، گىرېتسىيە، لىۋان، ئىسىرائىلىيە، ئۇكرائىنا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، ئالجىرىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماكېدونىيە، سۇدان: 17-16-ئىيۇنغىچە
ئەزەربەيجان، ئالبانىيە، ئىراق، ئىران، ئىرېلاندىيە، ئىسپانىيە، مىسىر، مالتا، ئۆزبېكستان، سېربىيە، چېخىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، جەنۇبىي ئافرىقا، گىرۇزىيە، ياپونىيە، كوسوۋۇ، كۈۋەيت، مولدوۋا، سىنگاپور، تايلاند: 17-ئىيۇن
ھەر قايسى دۆلەتلەردە تاشلانغان ئاۋازلار بۇرۇنقى سايلاملاردا بولغىنىدەك، ئايروپىلان ياكى دىپلوماتىك يول بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدۇ. 24-ئىيۇن تۈركىيەدە سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سانىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.
خاقان فىدان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.