باش ئەلچى يىلدىز: سۇ مەسىلىسىدە ئىراق بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيەنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، 1 – ئىيۇندىن تارتىپ ئىلىسۇ سۇ ئامبىرىغا سۇ تولدۇرۇشنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئىراقنى تەمىنلەيدىغان سۇنىڭ توختاپ كېتىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، رايونلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

986809
باش ئەلچى يىلدىز: سۇ مەسىلىسىدە ئىراق بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى يىلدىز، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى ئەلچىخانا بىناسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەنىڭ ھەردائىم سۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، سۇ مەسىلىسىنى ئەنقەرە بىلەن باغداد ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بىر ساھەسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق تەرەپ بىلەن ئۆتكەن ئاي 1 – ئىيۇن بىلەن 1- نويابىر ئارىلىقىدا ئىلىسۇ سۇ ئامبىرىغا سۇ تولدۇرۇشتا قايسى يول خەرىتىسىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش ئەلچى يىلدىز، خەلق ئارىسىدا ئىلىسۇغا ئالاقىدار نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بەزى ئامىللارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىلىسۇ سۇ ئامبىرىغا سۇ تولدۇرۇشنى باشلىشىمىز سۇنى پۈتۈنلەي توختىتىۋېتىشىمىز دېگەنلىك بولمايدۇ. 15 – مايدا (ئىككى تەرەپ) بىردەكلىك ھاسىل قىلغان مەسىلىمۇ، سۇنىڭ ئېقىش تەرتىپىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېمەك، سۇ توختىتىلمايدۇ، ئېقىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سۇنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھېلىھەم ئىراققا بېرىلمەكتە.» دېدى.

باش ئەلچى يىلدىز، تۈركىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن كېڭەشمەستىن ئىلىسۇ سۇ ئامبىرى توغرىسىدا قەدەم تاشلىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۇ قىرغاقداش دۆلەتلەرگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر تەرەپلىمە ئەمەس، ئورتاق قەدەم تاشلايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر